دۇنيا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 1 مىليون 600 مىڭدىن ئاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 1 مىليون 619 مىڭدىن، يۇقۇملانغانلار سانى 72 مىليون 659 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 50 مىليون 876 مىڭدىن ئاشتى.

1545113
دۇنيا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 1 مىليون 600 مىڭدىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 306 مىڭ 459 غا، يۇقۇملانغانلار سانى 16 مىليون 737 مىڭغا چىقتى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا پىرېزىدېنت ۋە ئاقساراي خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسىنى ئەملەش پىروگراممىسىدا ئالدىنقى رەتتە بولىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، پىرېزىدېنت ترامپ تۋىتېتردا بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ باياناتىدا: «ئاقساراي خىزمەتچىلىرى زۆرۈر بولمىغاندا ۋاكسىنا ئەملەش پىروگراممىسىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرىدا ۋاكسىنا ئەملىتىشى كېرەك. بۇ ھەقتە قايتىدىن تەرتىپلەشنى تەلەپ قىلدىم. مەنمۇ يېقىنقى ۋاقىتتا ۋاكسىنا ئەملىتىشنى پىلان قىلمىدىم، ئەمما ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقىتتا ۋاكسىنا ئەملىتىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىمەن. رەھمەت» دېدى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 150 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار 57 مىڭ 911 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 11 مىڭ 533 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 2 مىليون 376 مىڭ 852 گە چىقتى.

ئەنگلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 64 مىڭ 170 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 849 مىڭ 403 كە چىقتى.

گېرمانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 22 مىڭ 406 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 338 مىڭ 483 كە چىقتى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

بىرازىلىيە 181 مىڭ 419، مېكسىكا 113 مىڭ 953، ئىتالىيە 64 مىڭ 520، ئىسپانىيە 47 مىڭ 624، ئارگېنتىنا 40 مىڭ 766، كولومبىيە 39 مىڭ 53، پېرۇ 36 مىڭ 677، پولشا 22 مىڭ 864، بېلگىيە 17 مىڭ 951، چىلى 15 مىڭ 886، ئۇكرائىنا 15 مىڭ 154، ئېكۋادور 13 مىڭ 875، كانادا 13 مىڭ 431، رۇمېنىيە 13 مىڭ 385، گوللاندىيە 10 مىڭ 48، جەنۇبىي ئافرىقا 23 مىڭ 276، ھىندونېزىيە 18 مىڭ 819 ۋە ئىراق 12 مىڭ 579.

ئاسىيا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ھىندىستاندا، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 143 مىڭ 393 تىن، يۇقۇملانغانلار سانى 9 مىليون 884 مىڭ 716 دىن ئاشتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 415 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 83 مىڭ 475 كىشى يۇقۇملانغان مالايشىيادا، ھۆكۈمەت ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى سېتىۋېلىش مىقدارىنى كۆپەيتىپ، %70 نوپۇسنى ئەملەشنىڭ پىلان قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 8 مىڭ 832 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 440 مىڭ 787 كىشى يۇقۇملانغان پاكىستاندا، پارلامېنت دۆلەت سەھىيە خىزمەتلىرى كاتىپى دوكتور نائۇشىن ھامىد، ۋاكسىنا ئۈچۈن ئايرىلغان خامچوتنىڭ 150 مىليون دوللاردىن 250 مىليون دوللارغا چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر