راۋالپىندى شەھىرىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 25 كىشى يارىلاندى
پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدە بىر ساقچىخانىغا يېقىن جايدا قول بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 25 كىشى يارىلاندى. يارىلانغانلاردىن 3 كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
1544623
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى خادىملىرى گەنجە ماندى ساقچىخانىسىنىڭ يېنىدا قول بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
پارتلاشتا دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا 25 كىشى يارىلانغان، ئۇلاردىن 3 كىشىنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر.
راۋالپىندىدا يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە ساقچىخانىغا مۇشۇنىڭ بىلەن ئىككى قېتىملىق ھۇجۇم قىلىندى.
4 – دىكابىردا پىر ۋاداخاي ساقچىخانىسى ئەتراپىدا يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان بومبا پارتلىتىلغان ۋە ھۇجۇمدا 1 كىشى قازا قىلىپ ، 7 كىشى يارىلانغان ئىدى.
ھەر ئىككى ھۇجۇمنىڭ جاۋاپكارلىقىنى تېخىچە ھېچ كىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.