ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىقتىسادىي ئېمبارگونىڭ مۇددىتىنى يەنە بىر قېتىم ئۇزارتتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە ئۇكرائىنانى مۇقىمسىزلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي ئېمبارگونىڭ مۇددىتىنى يەنە 6 ئاي ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.

1543584
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىقتىسادىي ئېمبارگونىڭ مۇددىتىنى يەنە بىر قېتىم ئۇزارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى رەئىسى باياناتچىسى بارېند لېيتىس، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى ئەسناسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، رۇسىيەگە ئۇكرائىنانى مۇقىمسىزلاشتۇرغانلىقى سەۋەبىدىن يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي ئېمبارگونىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ، «ياۋروپا كېڭىشى رۇسىيەگە قارىتىلغان جازانى ئۇزارتىش توغرىسىدا كېلىشتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە 2014-يىلى 18-مارتتا قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنى ۋە سېۋاستوپول شەھىرىنى قانۇنسىز ھالدا ئۆزىگە قوشۇۋالغانىدى. رۇسىيەنىڭ قىرىمنى قوشۇۋېلىشى ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ۋەقەلەردىن كېيىن ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ، ئامېرىكا ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەر رۇسىيەگە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈشكە باشلىغانىدى.

رۇسىيەگە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى تۇنجى قارارىنى 2014 – يىلى چىقارغانىدى.

سودا ۋە سېلىنمىغا چەكلىمە قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جازا ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم ئۇزارتىلىدۇ. نۆۋەتتىكى جازانىڭ مۇددىتى بولسا، 2021 – يىلى 31 – يانۋاردا ئاخىرلىشاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر