ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ خىتابنامىسى ئېلان قىلىندى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ خىتابنامىسىدە، رادىكاللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئالاھىدە تەكىتلەندى.

1543989
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ خىتابنامىسى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى كۈنلۈك ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى خىتابنامىسى، تۈنۈگۈن (2020-يىلى 10-دېكابىر) كەچتە جاكارلانغان تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك بۆلۈم چىقىرىۋېتىلگەن ھالدا ئېلان قىلىندى.

خىتابنامىنىڭ «خەۋپسىزلىك» بۆلۈمىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رادىكاللىشىش، زوراۋانلىق خاراكتېرلىك ئايرىمىچىلىق ۋە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتا ئىتتىپاق ھالىتىدە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

خىتابنامىدە، پىكىر ئەركىنلىكى، دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قارىتىلغان ھەر تۈرلۈك ھۇجۇم ئەيىبلىنىش بىلەن بىرگە، رادىكاللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تېررورىزمنىڭ ئارقىسىدىكى ئىدېئولوگىيەگە يۈزلىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ئەسكەرتىلدى.

رەھبەرلەر، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا تور دۇنياسىدىكى تېررورلۇق بار مەزمۇنلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان قانۇن ماددىلىرىنى تېزلىكتە قوبۇل قىلىشنى چاقىرىق قىلدى.

ئاساسىي ھەق-ھوقۇقلار ۋە ئەركىنلىكلەرگە ھۆرمەت قىلىپ، ئېغىر جىنايەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر ئىنتېرنېت سانلىق مەلۇماتلىرىنى توسۇشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئىلگىرىلىتىشنى تەلەپ قىلغان رەھبەرلەر، شەنگەن رايونىنىڭ مۇكەممەل خىزمەتلىرىنى ۋە ھەمكارلىقىنى قوللاشنى قارار قىلدى.

خىتابنامىدە، رەھبەرلەرنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) مەسىلىسىدە نامايەن قىلىنغان ئۆزئارا ماسلىشىشتىن مەمنۇن ئىكەنلىكى ۋە ۋابا تىزگىنلەنگەن ئەھۋالدا ساياھەتكە قويۇ؛غان چەكلىمىلەرنى قەدەممۇ قەدەم ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەقسىتىدە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، كوردىناتسىيەنى كۈچەيتىش قارار قىلىندى.

رەھبەرلەر، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيادا ھەممە كىشىنىڭ ۋاكسىناغا ئىگە بولالىشى ئۈچۈن، كوۋاكس (ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىنالىرىغا دۇنياۋى ئىگە بولۇش پىروگراممىسى) پىروگراممىسىغا ھەسسە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر