ئامېرىكانىڭ بارلىق ئىشتاتلىرى سايلام نەتىجىسىنى رەسمىيلەشتۈردى
ئامېرىكادا 3 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن كېيىن، دۈشەنبە كۈنى بارلىق ئىشتاتلاردىكى سايلىغۇچىلار كومىتېتى ئەزالىرى پايتەخت ۋاشىنگتونغا بېرىپ، بېلەتلىرىنى تاشلايدىغان بولدى.
1542694
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈندىن بۇيان ئامېرىكىدىكى 50 ئىشتاتنىڭ ھەممىسى ۋە پايتەخت ۋاشىنگتون سايلام نەتىجىسىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ رەسمىيلەشتۈردى.
رەسمىيلەشتۈرۈلگەن سايلام نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى جو بايدېن 81 مىليوندىن ئارتۇق بېلەتكە، يەنى %51.3 لىك ئاۋازغا ئېرىشتى.
ئامېرىكانىڭ مەۋجۇت پىرېزىدېنتى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپ 74 مىليوندىن ئارتۇق بېلەتكە يەنى %46.8 لىك ئاۋازغا ئېرىشتى.
جو بايدېن 306 ۋەكىل بىلەن پېرىزىدېنتلىق ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان 270 ۋەكىل شەرتىنى ئاشقان بولدى.
ترامپ بولسا 232 ۋەكىل بىلەن قالدى.