دۇنيادا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار 68 مىليون 500 مىڭدىن ئاشتى

دۇنيادا ۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 1 مىليون 565 مىڭ 800 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 68 مىليون 691 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 47 مىليون 591 مىڭدىن ئاشتى.

1542162
دۇنيادا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار 68 مىليون 500 مىڭدىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 293 مىڭ 496 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 15 مىليون 594 مىڭغا چىقتى.

پىرېزىدېنت ترامپ سېتىۋېلىنغان يۈز مىليونلارچە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسىنىڭ ئامېرىكالىقلارنىڭ قولىغا تەگكەنلىكىدىن خاتىرجەم بولماي تۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەرگە ياردەم قىلماسلىق تەكلىپ قىلىنغان پىرېزىدېنتلىق قارارنامىسىنى تەستىقلىدى.

 

ئەنگلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 62 مىڭ 33 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 1 مىليون 750 مىڭ كىشى يۇقۇملاندى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 634 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 61 مىڭ 240 قا چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 14 مىڭ 842 كىشى يۇقۇملاندى. بۇنىڭ بىلەن جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 757 مىڭ 394 كە چىقتى. دۆلەتتە يۇقۇم ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان 237 دوختۇر ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى.

فىرانسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 56 مىڭ 352 گە، يۇقۇملانغانلار 2 مىليون 309 مىڭغا چىقتى.

ئىسپانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 46 مىڭ 646 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 1 مىليون 715 مىڭ كىشى يۇقۇملاندى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 9 مىڭ 775 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان گوللاندىيەدە، 570 مىڭ 437 كىشى يۇقۇملاندى. كۈندىلىك يۇقۇملىنىش سانى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 6 مىڭنىڭ ئۈستىگە چىقتى ۋە قايتىدىن ئۆرلەشكە باشلىدى.

ئاسىيا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ھىندىستاندا، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 141 مىڭ 398 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 9 مىليون 735 مىڭغا چىقتى.

ئىراندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 51 مىڭ 212 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 72 مىڭغا چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 44 مىڭ 159 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان رۇسىيەدە، 2 مىليون 515 مىڭ كىشى يۇقۇملاندى.

ھىندونېزىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 18 مىڭ 171 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 592 مىڭ 900 گە چىقتى.

ئافرىقا قىتئەسىدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 402 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، جەمئىي سان 54 مىڭ 611 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا مەزكۇر قىتئەدە، 13 مىڭ 46 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 2 مىليون 300 مىڭغا چىقتى.

جەنۇبىي ئافرىقادا 22 مىڭ 432، مىسىردا 6 مىڭ 813 ۋە ماراكەشتە 6 مىڭ 370 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #ۋابا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر