ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىريۇسسېلدا توپلاندى

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 10-11-دېكابىر (2020) كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدىن بۇرۇن، تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ كۈنتەرتىپ ماددىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

1541102
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىريۇسسېلدا توپلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا بىر يەرگە جەم بولدى. گىرۇزىيەنىڭ سايلاملاردىن كېيىنكى ۋەزىيىتى، ۋېنېزۇئېلادا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمى، ئامېرىكادىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن كېيىن، ياۋروپا-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قانداق شەكىللىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك ئېمبارگو مېخانىزملىرى، خوڭكوڭدا يېڭى خەۋپسىزلىك قانۇنىنىڭ پەيدا قىلغان نەتىجىلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاھىدە ئورنى ۋە تۈركىيە بىلەن بولغان ئۆزگىرىشلەر قاتارلىق مەسىلىلەر، يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپلىرى بولدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ 1-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزگەن ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا چىقىرىلغان قارارى بويىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە 10-دېكابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا تەپسىلىي مۇھاكىمىلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى كۈتۈلمەكتە.

بۈگۈنكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، رەھبەرلەرنىڭ مۇزاكىرەسىدە يۆنۈلۈش بەلگىلەيدىغان رامكىنى بەلگىلەش پىلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر