ئەنگلىيە تۈركىيەدىن تېخىمۇ كۆپ ئىشچى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بولدى

ئەنگلىيە يېڭى كۆچمەنلەر سىستېمىسى ئارقىلىق تۈركىيەدىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى قوبۇل قىلالايدىغان بولدى.

1540965
ئەنگلىيە تۈركىيەدىن تېخىمۇ كۆپ ئىشچى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگىلىيەنىڭ كەلگۈسى چېگرالار ۋە كۆچمەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرى كېۋىن فوستېر ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، نۇمۇرنى  ئاساس قىلغان كۆچمەنلەر سىستېمىسىنىڭ ئەنگلىيەدىكى كارخانىلارغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئەڭ پارلاق ۋە ئەڭ قابىلىيەتلىك ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كېۋىن فوستېر: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەۋجۇت سىستېمىسىنىڭ ئەكسىچە، دۇنيا مىقياسىدا ئىنسانلارنى ماھارىتى ۋە قابىلىيەتلىرىگە كۆرە باھالاشنىڭ تېخىمۇ توغرا بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. يېڭى ماھارەتلىك ئىشچىلار سىستېمىسى، ھازىرقى ماھارەتلىك ئىشچىلار ۋىزىسى بويىچە تۈركىيەدىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئېچىۋېتىلىدۇ» دېدى.

كېۋىن فوستېر  تۈركىيەدىن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋېلىشتىنمۇ خۇشاللىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاسپىرانتلىق مائارىپىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلارغا ئوقۇغۇچىلار ۋىزىسى ئېلىش ۋاقت چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

كېۋىن فوستېر يازدا ئاسپىرانتلارنىڭ ۋىزا ئېلىش يولىنى تونۇشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇ سىستېما ئالىي مائارىپ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورگانلىرىمىزنىڭ بىرىدىن ئوقۇشنى تاماملىغانلارنىڭ ئەنگىلىيەدە ياشاش ۋە ئىشلىشى ئۈچۈن 2 يىل قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. ئەگەر ئۇلار لاياقەتلىك ئىشچىلار ۋىزىسى ئالالايدىغان بىرەر خىزمەت تاپالىسا، ئەنگىلىيە ئىچىدىكى بۇ يۆنىلىشكە ئۆتەلەيدۇ ۋە بۇ يۆنىلىش ئەنگىلىيەدە 5 يىلدىن كېيىنلا پۇقرالىققا ئۆتۈشكە ئېلىپ بارىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر