دۇنيادا يۇقۇملانغانلار 67 مىليوندىن ئاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 1 مىليون 543 مىڭدىن، يۇقۇملانغانلار سانى 67 مىليون 512 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 46 مىليون 700 مىڭدىن ئاشتى.

1540808
دۇنيادا يۇقۇملانغانلار 67 مىليوندىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 288 مىڭ 962 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 15 مىليون 161 مىڭغا چىقتى.

كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سان جىيۇگېن ۋە جەنۇبىي كالىفورنىيە رايونلىرىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن «ئۆيدە ئولتۇر» يوليورۇقى ئېلان قىلىندى. لوس ئانژېلىس ۋە سان دىياگو شەھەرلىرىدە 27 مىليون كىشىنىڭ يوليورۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەنگلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 61 مىڭ 245 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 723 مىڭغا چىقتى. ئەملەشكە رۇخسەت قىلىنغان، گېرمانىيەلىك تۈرك ئالىم پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىن ۋە ئايالى ئۆزلەم تۈرەجى قۇرغۇچىلىرى بولغان بىيونتېك شىركىتى بىلەن ئامېرىكا دورا شىركىتى فايزېر (Pfizer) تەتقىق قىلىپ ياسىغان ۋاكسىنانىڭ ئەتە (2020-يىلى 8-دېكابىر) دىن باشلاپ ئەملەشكە باشلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 564 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 60 مىڭ 78 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 18 مىڭ 887 كىشى يۇقۇملاندى. بۇنىڭ بىلەن جەمئىي يۇقۇملانغانلار 728 مىڭ 878 گە چىقتى.

فىرانسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 55 مىڭ 155 كە، يۇقۇملانغانلار 2 مىليون 292 مىڭغا چىقتى.

ئىسپانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 46 مىڭ 252 گە، يۇقۇملانغانلار 1 مىليون 699 مىڭغا چىقتى.

ئاسىيا قىتئەسىدە ۋابانىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ھىندىستاندا، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 140 مىڭ 699 غا چىقتى. يېقىنقى 24 سائەتتە 32 مىڭ 981 كىشى يۇقۇملاندى. بۇنىڭ بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 9 مىليون 680 مىڭغا چىقتى.

غەززەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 139 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 25 مىڭ 121 كىشى يۇقۇملاندى. رايوندا ۋۇخەن ۋىرۇسى تەكشۈرۈشلىرى ئېلىپ بېرىلىدىغان بىردىنبىر جاي بولغان مەركەز تەجرىبىخانىلىرى، تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنىڭ ئاخىرلىشىشى سەۋەبىدىن پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 3 مىڭ 561 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان تۇنىستا، ۋاباغا قارشى تۇرۇش رامكىسىدا يولغا قويۇلغان كېچە سىرتقا چىقىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسى 2021-يىلى مارت ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 4مىڭ 634 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان خىتايدا، يېقىنقى 24 سائەتتە 15كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇ ۋاقىت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئۆلۈم ۋەقەسى كۆرۈلمىدى. جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 86 مىڭ 634 كە چىقتى.

ھىندونېزىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 17 مىڭ 740 قا چىقتى. پىرېزىدېنت جوكو ۋىدودو (Joko Widodo) خىتاي دورا شىركىتى سىنوۋاك بىيوتېك (Sinovac Biotech) ياسىغان «كورونا ۋاك» (CoronaVac) ناملىق 1.2 مىليون شىشە ۋاكسىنانىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ كېلەر ئاي (2020-يىلى يانۋار) نىڭ بېشىغىچە 1.8 مىليون شىشە ۋاكسىنا سېتىۋېلىشنىڭ پىلان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ئەمما قاچان ۋاكسىنا ئەملەش ئىشلىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بەرمىدى.

ئافرىقا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 306 كىشى كۆپىيىپ 53 مىڭ 961 گە چىقتى. قىتئە مىقياسىدا يېقىنقى 24 سائەتتە 13 مىڭ 422 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 2 مىليون 276 مىڭغا چىقتى. جەنۇبىي ئافرىقادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 22 مىڭ 206، مىسىردا 6 مىڭ 771 ۋە ماراكەشتە 6 مىڭ 245 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر