دونالد ترامپ جورجىيا ئىشتاتىدىكى 2 - باسقۇچلۇق سايلامغا ئاكتىپ قاتنىشىش چاقىرقى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جورجىيا ئىشتاتىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەرگە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، 5- يانۋار ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاۋام پالاتاسى سايلىمىغا قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

1540341
دونالد ترامپ جورجىيا ئىشتاتىدىكى 2 - باسقۇچلۇق سايلامغا ئاكتىپ قاتنىشىش چاقىرقى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئاۋام پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قىسمىتىنى بەلگىلەيدىغان جورجىيا ئىشتاتىدىكى ئىككىنچى باسقۇچلۇق بېلەت تاشلاشتىن ئىلگىرى، جۇمھۇرىيەتچى نامزاتلاردىن داۋىد پېردو ۋە كېللىي لوففلېرنى قوللاش ئۈچۈن ئىشتاتقا يېتىپ باردى.

ترامپ نۇتۇقىدا: «نۇرغۇن كىشىلەر ۋە دوستلىرىم،  <پىرېزىدېنتلىق سايلىمى سەۋەبىدىن ئاچچىقلانماقتا. بېلەت ساندۇقىغا بارمايلى!> ديېىشمەكتە. بۇلار مېنىڭ دوستلىرىم، بەك ياخشى ئىنسانلار. بۇ گويا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە ئوخشايدۇ. ئەمما، بۇنداق قىلساڭلار، رادىكال سولچىلار غەلىبە قىلىدۇ. بۇنچە بېلەت ئوغرىلانغانلىقى ۋە بىزدىن ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن ئاچچىقىمىز بار. بىز بۇنداق قىلالمايمىز. ئەسلىدە  دەل ئەكسىنى قىلىشىمىز لازىم» دېدى.

پىرېزىدېنت سايلىمىدا ساختىپەزلىك بارلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىر ئوغرىلانغان سايلام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ترامپ، سايلامغا مۇناسىۋەتلىك دەۋالار داۋام قىلىۋاتقان پەيتتە، پارتىيەسىنى جورجىيا ئىشتاتىدىكى سايلامنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغىمۇ تەييارلىق قىلىشقا چاقىردى.

جورجىيا قانۇنلىرىغا ئاساسەن ھەر قانداق بىر نامزات ئاۋام پالاتاسى سايلىمىدا %50 ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بېلەتكە ئېرىشەلمىسە، سايلام ئىككىنچى باسقۇچقا قالىدۇ.

3 – نويابىردا  ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، ھازىرقى پالاتا ئەزالىرىدىن جۇمھۇرىيەتچى پېردو ۋە لوففلېر كېرەكلىك  نىسبەتتە بېلەتكە ئېرىشەلمىگەن، شۇڭا سايلام ئىككىنچى باسقۇچقا قالغان ئىدى.

ئەگەر پېردو بىلەن لوففلېر ​​بۇ قېتىم دېموكراتچى جون ئوسسوف ۋە رافائىل ۋارنوكقا قارشى سايلامدا ئۇتتۇرۇپ قويسا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئاۋام پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىقنى دېموكراتچىلارغا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر