پ ك ك نىڭ سىنجاردىن چىقىپ كەتمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىگە قاراشلىق سىنجار ناھىيەسى مەركىزىنى بوشاتمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1539999
پ ك ك نىڭ سىنجاردىن چىقىپ كەتمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىگە قاراشلىق سىنجار ناھىيەسى مەركىزىنى بوشاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، تېررورچىلارنىڭ رايوندىن چىقىپ كەتمىگەنلىكى، بەلكى سىنجار تېغىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باغداد مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن ئئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى، پ ك ك نىڭ سىنجاردىكى مەۋجۇدىيىتىگە خاتىمە بېرىشنى مەزمۇن بىر كېلىشىمنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ نازارەتچىلىكى ئاستىدا 9 – ئۆكتەبىردە ئىمزالىغانىدى.

كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشىدىن كېيىن ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى، 20 – نويابىردا سىنجارغا بىرلەشمە ساقچى قىسىملىرىغا قاراشلىق ئىككى بىرىگادانى يوللىغانىدى.

كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان مەركىزىي ھۆكۈمەت مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە بايانات بېرىپ، ئىراق كۈچلىرىنىڭ سىنجارغا ئورۇنلاشقانلىقىنى، بارلىق قوراللىق تەشكىلاتلار (پ ك ك) نىڭ رايوندىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمەت بولسا، سىنجار كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقلىرىنى، سىنجاردىكى پ ك ك ئۇنسۇرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشنىڭ باغدادنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

بۇ ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ نەزىرى، باياناتلار بىلەن ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ ئۆزئارا ماس ياكى ئەمەسلىكىگە ئاغدۇرۇلدى.

باغدادىكى بەزى مەنبەلەر، پ ك ك نىڭ سىنجار ناھىيە مەركىزى ۋە سىنجار تېغىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«پ ك ك ئورۇن ئالماشتۇرۇش تاكتىكىسىنى ئىشلەتمەكتە» دېگەن ئىراق تۈركمەن فىرونتى باشلىقى ئەرشات سالىھى، سىنجاردىن چىقىرىۋېتىلىدىغان تېررورچىلارنىڭ يەنە ئىراق چېگراسى ئىچىدىكى ماھمۇر، قاندىل، كەركۈك ئەتراپىغا ياكى تەلافەرگە يېقىن جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشتەك بىر پىلان ئىجرا قىلىنىپ قالسا، خەۋپنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر