ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن گىرېتسىيە يېڭى بىر كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىش مەركىزى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى

بۇ مەركەزنىڭ 2021 - يىلى 9 - ئايغىچە ئېچىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

1539130
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن گىرېتسىيە يېڭى بىر كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىش مەركىزى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن گىرېتسىيە مىدىللى (لېسبوس) ئارىلىدا يېڭى بىر كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىش مەركىزى قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئورتاق پىلان توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ھەرقايسى تەرەپلەر مەركەزنىڭ قۇرۇلۇشى، ئارالغا كەلگەن كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش، پاناھلىنىش ۋە قايتىش رەسمىيەتلىرىنىڭ توغرا تەرتىپى ۋە ماسلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى قانۇنىغا ئاساسەن قوبۇل قىلىش شەرتى ۋە مەركەزدە ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ تەربىيەسى قاتارلىق مەسىلىلەردە كېلىشىم ئىمزالىغان.

بۇ كېلىشىم، سېنتەبىردە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىن كېيىن مىدىللى (لېسبوس) ئارىلىدىكى موريا پاناھلانغۇچىلار لاگېرىنىڭ ئىشلەتكىلى بولمايدىغا ھالغا كېلىپ قالغانلىقى تۈپەيلى ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن يېڭى بىر پاناھلىنىش يمەركىزى قۇرۇش ئۈچۈن تاشلانغان مۇھىم قەدەم، دەپ تەرىپلەنمەكتە.

بۇ مەركەزنىڭ 2021 - يىلى 9 - ئايغىچە ئېچىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ياۋروپا ئىتتىپاقى گرېتسىيەگە ئالدىنقى ئاي سسىسام، ئىستانكۆي ۋە ئىلەريۈز ئاراللىرىدا كىچىكرەك 3 ئايرىم پاناھلانغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش مەركىزى قۇرۇش ئۈچۈن121 مىليون ياۋرو ئاجراتقان ئىدى.

بۇ 3 ئارىم مەركەزنىڭمۇ 2021 - يىلى 9 - ئايغىچە ئېچىۋېتىلىشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر