ئامېرىكا خىتاي كومپارتىيەسى ئەزالىرى ۋە ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا يېڭى ۋىزا چەكلىمىسى قويدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئامېرىكادا زىيارەتتە بولۇشىغا چەكلىمە قويىدىغان يېڭى ۋىزا بەلگىلىمىلىرىنى ئېلان قىلدى.

1539072
ئامېرىكا خىتاي كومپارتىيەسى ئەزالىرى ۋە ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا يېڭى ۋىزا چەكلىمىسى قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكاغا كېلىدىغان خىتاي كومپارتىيەسى ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن يېڭى قائىدىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ئېلان قىلغان.

باياناتتا، خىتاي كومپارتىيەسى ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ساياھەت ۋىزىسى چەكلىمىسى قويۇشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى، بۇ دائىرىدە مەزكۇر كىشىلەرنىڭ ساياھەت ۋىزىلىرىنىڭ ئىناۋەت مۇددىتىنىڭ 1 ئاي بولىدىغانلىقى ۋە يالغۇز بىر قېتىم كىرىش بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

مۆلچەرلىنىشىچە، مەزكۇر چەكلىمە خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەزا 270 مىليونغا يېقىن خىتاي پۇقراسىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاينىڭ نورمال پۇقرالىرىغا ئوخشاشلا خىتاي كومپارتىيەسى ئەزالىرىمۇ 10 يىل ئىناۋەتلىك ئامېرىكا زىيارەت ۋىزىسى ئالالايتتى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ، ئامېرىكانىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ئەزالىرى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا قارىتىلغان ۋىزا چەكلىمىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكانىڭ مەزكۇر قەدىمىنىڭ خىتايغا قاراتقان  سىياسىي بېسىمىنىڭ كۈچەيتىلىشى ۋە ئامېرىكادىكى خىتايغا قارشى ئاشقۇن كۈچلەر پەيدا قىلغان ئىدېئولوگىيەلىك بىر تەرەپلىمە قاراشنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر