فايزېر ۋە بىيونتېكنىڭ ۋاكسىنالىرى ئەنگلىيەگە ئەۋەتىلدى

ئامېرىكا دورا شىركىتى فايزېر (Pfizer) ۋە گېرمانىيەلىك تۈرك ئالىم ئۇغۇر شاھىن بىلەن ئۆزلەم تۈرەجى قۇرغۇچىلىرى بولغان بىيونتېك (BioNTech) شىركىتىنىڭ بىرلىكتە ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) غا قارشى ياسىغان ۋاكسىنانى ئەنگلىيەگە ئەۋەتىش باشلاندى.

1538892
فايزېر ۋە بىيونتېكنىڭ ۋاكسىنالىرى ئەنگلىيەگە ئەۋەتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە فايزېر بىلەن بىيونتېكنىڭ ۋاكسىنالىرىغا يېشىل چىراغ ياققاندىن كېيىن، مىڭلارچە شىشە ۋاكسىنا بېسىلغان يۈك ئاپتوموبىللىرى بېلگىيەنىڭ پىيۇرس (Puurs) شەھىرىدىكى فايزېر مەركىزىدىن يولغا چىقتى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون: «ئەنگلىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كوللېكتىپ ۋاكسىنا ئەملەش پىروگراممىسى باشلىنىش ئالدىدا» دېدى.

ئۇ ھاياتنىڭ باھاردا نورماللىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارالىق ئاگېنتلىقلار ۋاكسىنا توشۇلۇۋاتقان فوتوگرافلارنى تارقاتتى. ئەنگلىيە 40 مىليون شىشە ۋاكسىنا زاكاس قىلغان بولۇپ، 10 مىليون شىشە ۋاكسىنانىڭ يىل ئاخىرىغىچە تەييار بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر