جو بايدىن ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررس بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 3 – نويابىردىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلبە قىلغان جو بايدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1537419
جو بايدىن ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررس بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جو بايدىن ھەيئىتى تەرىپىدىن ئېلان قىىنغان باياناتتا، «بايدىن سايلامدىكى غەلىبىسى مۇناسىۋىتى بىلەن، گۇتېررسنىڭ ئۆزىنى  تەبرىكلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى» دېيىلدى.

باياناتتا، بايدىن بىلەن گۇتېررسنىڭ ئامېرىكا – ب د ت ئوتتۇرىسىدىكى كوۋىد -19 يۇقۇمى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم، سىجىل تەرەققىيات، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، شۇندقلا كرىزىسلەرنى ھەل قىلىش قاتارلىق مۇھىم خالقئارالىق مەسىلىلەر ئۈچۈن كۈچلۈك ھەمكارلىقنىڭ لازىملىقىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

جو بايدىننىڭ يەنە، ئېفىيوپىيەدىكى توقۇنۇشلارنىڭ كۈچىيىشى ۋە پۇقرالارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر