ياۋروپا-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلەرنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىشنى باشلايدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى جو بايدىن ئامېرىكانىڭ پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ئاتلانتىك مۇناسىۋەتلىرىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئەزا دۆلەتلەر بىلەن مۇزاكىرە قىلىشنى باشلايدۇ.

1536993
ياۋروپا-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلەرنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىشنى باشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىغان مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ بىريۇسسېلدىكى دائىمىي ۋەكىللىرى بۈگۈن (2020-يىلى 30نويابىر) ياۋروپا ئىتتىپاقى-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن يىغىن ئۇيۇشتۇرىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېز مىشېل (Charles Michel) كېلەر ھەپتە ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. رەھبەرلەر دېكابىر ئېيىدىكى يىغىندا، ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى قانداق تەرەققىي قىلىدۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

چارلېز مىشېل جو بايدىننى 2021-يىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغىچە ئىككى يىغىنغا تەكلىپ قىلدى. يىغىننىڭ بىرىنچىسى، جو بايدىن پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سىن شەكلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. جو بايدىننىڭ باھار ئايلىرىدا بىريۇسسېلنى زىيارەت قىلىشى پىلان قىلىنماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە بەش ئاساسىي تېما بار. بۇلار، «ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئەسلىگە كېلىشنى تېزلەشتۈرۈش، كلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرۇش، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى ۋە ئورتاق مەنىۋىي قىممەتلەرنى قوغداش، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ياۋروپا ئىتتىپاقى پىرېزىدېنت ترامپنىڭ تۆت يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە ئاتلانتىك مۇناسىۋەتلىرى، بولۇپمۇ سودا، بىخەتەرلىك ۋە كلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە كەينىگە چېكىندى، شۇڭا بايدىن مەزگىلى بۇلارنى تۈزۈتۈش ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت، دەپ قارايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر