ئىران مۇداپىئە مىنىستىرى: فاھرىزادەنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرىمىز

ئىران مۇداپىئە مىنىستىرى ئەمىر خاتەمى، سۇيىقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغان يادرو تەتقىقاتچىسى مۇھىم فاھرىزادەنىڭ يولىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇ باشلىغان خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1536973
ئىران مۇداپىئە مىنىستىرى: فاھرىزادەنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئىرنانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خاتەمى مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا فاھرىزادە ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن ماتەم مۇراسىمىدىكى سۆزىدە جاۋابكارلارنىڭ ئىراننىڭ يادرو خىزمەتلىرىدىكى ئىرادىسىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «شېھىتىمىزنىڭ يولىنى بويلاپ مېڭىش ئىرادىمىز تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ تېز ۋە كۈچلۈك شەكىلدە داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن.

فاھرىزادەنىڭ ئىران ياشلىرى ۋە كەسىپداشلىرىنىڭ ئۈلگىسى ئىكەنلكىنى قەيت قىلغان خاتەمى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئىران خەلقى ھېچبىر جىنايەتنى، تېررورنى ۋە ئەخمىقانە قىلمىشلارنى جاۋابسىز تاشلاپ قويمايدۇ. جاۋابكارلارنى ئاداققىچە تەقىب قىلىمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

سۆزىنىڭ ئاخىرىدا سۇيىقەستنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلغان دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارغا رەھمەت ئېيتقان خاتەمى، ۋەقەگە سۈكۈت قىلغان دۆلەتلەر بىلەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر