بېلارۇسىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشتا تەخمىنەن 250 كىشى قولغا ئېلىندى

بېلارۇسىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى قانۇنسىز نامايىشلار داۋاملاشماقتا.

1536609
بېلارۇسىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشتا تەخمىنەن 250 كىشى قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت مىنىسكتا، تېررورلۇق تەشۋىقاتى قىلغانلىقى سەۋەبىدىن چەكلەنگەن بىر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن بېرىلگەن يوليورۇقلار بىلەن تەشكىللەنگەن نامايىشچىلار، شەھەر مەركىزىدىن يىراق تۇرالغۇ رايونلىرىدا ئايرىم- ئايرىم گۇرۇپپىلار شەكلىدە توپلىنىپ شوئارلارنى توۋلىدى.

بەزى يوللارنى توسۇۋالغان ۋە قاتناشنى ئاقساتقان نامايىشچىلار، ساقچىلارنىڭ مۇداخىلىسى بىلەن تارقاقلاشتۇرۇلدى.

رايوندىكى سودا سارايلار ساقچىلارنىڭ قوغلىشىدىن  قاچقان نامايىشچىلارنىڭ كىرىۋالماسلىقى ئۈچۈن دەۋازىلىرىنى بىر مەزگىل تاقاشقا مەجبۇر بولدى.

بېلارۇسىيەدە ھازىرقى پىرېزىدېنت ئالېكساندىر لۇكاشېنكو 9 - ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلبە قىلغاندىن كېيىن، «سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىندى» دېگەن باھانە بىلەن نامايىش باشلانغان ئىدى.

مەملىكەت مىقياسىدا ھەر ھەپتە ئاخىرىدا داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا، ئالدىنقى ھەپتىگە سېلىشتۇرغاندا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى ئازلىدى.  

نامايىشچىلار پىرېزىدېنت لۇكاشېنكونىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر