خىتايدىن تەيۋەنگە كەتكەن كىم جوڭئۇننىڭ جىيەنى ئامېرىكا ئىستىخباراتى (CIA) نىڭ ھىمايىسى ئاستىدىمۇ؟

شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇننىڭ 2017 – يىلى ئۆلتۈرۈلگەن ئۆگەي ئاكىسى كىم جوڭنامنىڭ ئوغلى كىم خەن سولنىڭ دادىسى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) تەرىپىدىن قوغدىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

1532615
خىتايدىن تەيۋەنگە كەتكەن كىم جوڭئۇننىڭ جىيەنى ئامېرىكا ئىستىخباراتى (CIA) نىڭ ھىمايىسى ئاستىدىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «New Yorker» ژۇرنىلىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، كىم جوڭئۇننىڭ جىيەنى كىم خەن سول تۆت يىل ئىلگىرى دادىسى مالايشىيا ئايرودۇرۇمىدا نېرۋا گازى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن ئىككى ھەپتە كېيىن، شىمالىي كورېيەدىن قېچىپ كەتكەن ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان «FreeJoseon» ناملىق گۇرۇپپا بىلەن ئالاقىلاشقان.

كىم خەن سول خىتاينىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇ مەخپىي ھالدا تەيۋەنگە كېتىپ، ئۇ يەردىكى گۇرۇپپا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

گۇرۇپپىنىڭ رەھبىرى ئادرىئان خوڭ كىم خەن سولنىڭ گوللاندىيەگە پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنۇشى ئۈچۈن تەيۋەندىن ئامىستېردامغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنى سېتىۋالغانلىقىنى، ئەمما يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئامېرىكا ئىستىخبارات خادىملىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بايان قىلغان.

بۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن، كىم خەن سولدىن قايتا خەۋەر ئېلىش مۇمكىن بولمىغان.

كىم جوڭئۇننىڭ ئەينى چاغدا 22 ياشتىكى جىيەنىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا مەركىزى ئىسخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ ھىمايىسىدە  تۇرۇۋاتقلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

كىچىكىدىن تارتىپلا چەتئەللەردە ياشىغان كىم خەن سول «كىم جەمەتى بىلەن بولغان ئۇرۇغ – تۇغقانچىلىقى سەۋەبىدىن شىمالىي كورېيەدە يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشىدە رەھبەر نامزاتلىرىنىڭ بىرى بولالايدۇ» دەپ قارالماقتا.

شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇننىڭ ئۆگەي ئاكىسى كىم جوڭنام 2017 - يىلى 13 - فېۋرال كۇئالالۇمپۇر ئايرودورۇمىدا دۇچ كەلگەن ھۇجۇمدا قازا قىلغان بولۇپ، بۇ سۇيىقەستتە VX نېرۋا گازى ئىشلىتىلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

ۋەقەدىن كېيىن، ئايرودورۇمنىڭ بىخەتەرلىك كامېراسىنىڭ سىن ئارخىپلىرىگە ئاساسەن، ھىندونېزىيەلىك  سىتى ئايشە ۋە ۋېيتناملىق دوئان تىخوڭ نازارەتكە ئېلىنغان ئىدى.

سىتى ئايشە ئۆزىنى ئاقلاپ، «كامېرا چاقچىقى» بەدىلىگە 90 دوللار ئىش ھەققى ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ياپونىيەلىك ياكى كورېيەلىككە ئوخشايدىغان كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن بوۋاق مېيى تىپىدىكى ماددا بىلەن تېلېۋىزىيەنىڭ چاقچاق پروگراممىسىغا قېتىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

«كىم جوڭنامغا سۇيىقەست قىلىش بىلەن چېتىشلىقى بار» دەپ قارالغان 4 نەپەر شىمالىي كورېيە ئىشتىخبارات ئورگىنى خادىمى بولسا، ۋەقەدىن كېيىن مالايشىيادىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر