دەرئادا 98 ئادەم قىيىن - قىستاق ئاستىدا ئۆلتۈرۈلدى

سۈرىيە ھاكىمىيىتى، دەرئا كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېقىنقى ئىككى يىلنىڭ مابەينىدە مەزكۇر رايوندا 98 ئادەمنى قىيىن – قىستاق ئاستىدا ئۆلتۈردى.

1532361
دەرئادا 98 ئادەم قىيىن - قىستاق ئاستىدا ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ھاكىمىيىتى، رۇسىيەنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈشى ئارقىلىق 2018 – يىلى تۈزۈلگەن ھەربىي ئۆكتىچىلەر بىلەن تۈزگەن دەرئا كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېقىنقى ئىككى يىلنىڭ مابەينىدە مەزكۇر رايوندا 98 ئادەمنى قىيىن – قىستاق ئاستىدا ئۆلتۈردى.

سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن ئەسەد ھاكىمىيىتى ئارمىيەسىدىن چېكىنگەن 40 نەپەر سابىق ئەسكەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 98 ئادەمنىڭ، كېلىشىمدە كۆرسىتىلگەن «يارىشىش» ھوقۇقىدىن پايدىلىنىشنى تەلەپ قىلىش جەريانىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، قىيىن – قىستاققا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

2018 – يىلى ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئىلتىماس سۇنغان ئونلارچە دەرئالىق قاماقتا يېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ھاكىمىيەت ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى، رۇسىيەنىڭ ھاۋادىن يار – يۆلەك بولۇشى نەتىجىسىدە 2018 – يىلى 20 – ئىيۇندا ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى دەرئانى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن تۇتۇش قىلغانىدى. رۇسىيە بىلەن ھەربىي ئۆكتىچىلەر، 2018 – يىلى 6 – ئىيۇلدا سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغانىدى.

كېلىشىمدە، ھاكىمىيەت بىلەن يارىشىۋېلىشنى خالايدىغان سابىق ئەسكەر ۋە پۇقرالارنىڭ «كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى» دىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر ماددىمۇ بار ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر