ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ مەخپىي يىغىنىدا كۈتۈلمىگەن مېھمان ھەممىنى ھەيران قالدۇردى

گوللاندىيەلىك ژۇرنالىست ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ مەخپىي يىغىنىغا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھەمبەھىرلەنگەن بىر سۈرەتتىكى ئۇچۇر ئارقىلىق سوقۇنۇپ كىردى.

1532029
ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ مەخپىي يىغىنىدا كۈتۈلمىگەن مېھمان ھەممىنى ھەيران قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، «RTL Nieuws» قانىلىنىڭ تېخنىكا مۇخبىرى دانىيال ۋېرلان گوللاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەنك بىجلېۋېلد ھەمبەھىرلىگەن سۈرەتتە، سىن يىغىنغا كىرىش ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان كېرەكلىك ئادرېس ۋە 6 خانىلىق مەخپىي نومۇرنىڭ 5 خانىسىنى كۆرۈۋالغان. بىر نەچچە قېتىملىق سىناقتىن كېيىن، ۋېرلان توغرا مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزۈپ يىغىنغا سوقۇنۇپ كىرگەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىغا كۈلۈپ تۇرۇپ قول پۇلاڭلاتقان. «RTL Nieuws» قانىلىمۇ بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئېكراندا كۆرسەتكەن.

يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى كۈتۈلمىگەن مېھماننى كۆرۈپ، «ئۆزىڭىزنىڭ مەخپىي يىغىنغا قاتناشقانلىقىڭىزنى بىلىسىز، شۇنداقمۇ؟» دېگەن.

گوللاندىيەلىك ژۇرنالىست: «شۇنداق، كەچۈرۈڭ، مەن گوللاندىيەلىك بىر ژۇرنالىست، يىغىنىڭلارنى ئۈزۈپ قويغانلىقىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن. مەن ھازىرلا چىقىپ كېتىمەن» دەپ جاۋاپ قايتۇرغان.

جوسېپ بوررېل ھەممەيلەننىڭ كۈلىشىگە سەۋەب بولغان بۇ جاۋابقا قارىتا، «سىز بۇنىڭ جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلىسىز، شۇنداقمۇ؟ ئەڭ ياخشىسى ساقچى كېلىشتىن بۇرۇنراق چىقىپ كېتىڭ» دېگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يەنە بىر مەسئۇلى بۇ ۋەقە بىلەن يىغىننىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ خىل ئۇسۇلدا يىغىنغا قاتنىشىشنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ۋە ئالاقىدار ئورگانلارغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر