ب د ت باش كاتىپى ئېفىيوپىيەدە ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورى ئېچىلىشى ئۈچۈن چاقىرىقتا بولدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش ئېفىيوپىيەنىڭ شىمالىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ ئادەمنى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورى ئېچىلىشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى.

1531847
ب د ت باش كاتىپى ئېفىيوپىيەدە ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورى ئېچىلىشى ئۈچۈن چاقىرىقتا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇتېرېش، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نەزىرىنى ئېفىيوپىيەنىڭ شىمالىدا داۋاملىشىۋاتقان ۋە ئادەمنى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدىغان توقۇنۇشلارغا ئاغدۇرۇپ، تەرەپلەرنى خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورى ئېچىلىشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولىمىز. دەرۋەقە، بۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ رايونغا يەتكۈزۈپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر.»

بۇ ئارىلىقتا، ئۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يەمەندىكى ھۇسىيلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ ئېلان قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بار - يوقلۇقىغا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇ باسقۇچتا كېمىنى تەۋرەتمەسلىكىمىز كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر