ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيە قاراباغ مەسىلىسىدە رۇسىيەدىن رەنجىدىمۇ؟

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنىڭ تاغلىق قاراباغدا ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى توختاتقان كېلىشىمدە رول ئالمىدۇق دەپ رۇسىيەدىن رەنجىگەنلىكىنى بايان قىلدى.

1531134
ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيە قاراباغ مەسىلىسىدە رۇسىيەدىن رەنجىدىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاۋروۋ «بۈگۈنكى رۇسىيە» (Russia Today) قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە فىرانسىيەنى تاغلىق قاراباغدىكى كېلىشىم مۇساپىسىگە قاتناشتۇرمىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرگە جاۋاب بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا ۋە فىرانسىيە كېلىشىمدە تەلەپ قىلىنغان شارائىتنى يارىتىشتا مۇھىم سىياسىي رول ئوينىدى. فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندە، شۇنداقلا مېنىڭ ئامېرىكا ۋە فرانسىيەلىك مەنسەپداشلىرىم بىلەن تاغلىق قاراباغ توغرىسىدىكى ئۇچرىشىشلىرىمدا ئۇلارنىڭ رەنجىگەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ.»

لاۋروۋ ئۆزىنىڭ فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژان يىۋېس لې درىيان (Jean-Yves Le Drian) غا تاغلىق قاراباغدا كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلمەسلىكىنى، ئۆيلىرىدىن ئايرىلماسلىقىنى، مۇساپىرلار ۋە يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ ئاشماسلىقىنى خالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھەر بىر مىنۇت كىشى ھاياتىغا ئوخشاش قىممەتلىك بولغان ۋاقىتتا، ۋاشىنگتون ۋە پارىژغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ كېلىشىمنىڭ شەرتلىرىنى قوللايدىغان ياكى قوللىمايدىغانلىقى توغرىسىدا پىكىر ھاسىل قىلىشقا ئۇرۇنۇشنىڭ مۇۋاپىق بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ رۇسىيەنى ئەيىبلەشنىڭ توغرا ۋە ئەخلاقىي بولمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش كۆپ تەرەپلىمىلىك قۇرۇلمىلاردا ئۆزىنىڭ ئورنىنى كۈچەيتىش ۋە سىياسەتتە «پارلاق» بولۇش ئارزۇسىنىڭ ئالدىنقى پىلانغا چىقىشىنىڭ، كىشىنى قايغۇغا سالىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ قىلغانلىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىدىن خۇشال بولغانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ، سۈرىيەدە، تاغلىق قاراباغدا ۋە باشقا جايلاردا ئەڭ مۇھىم نىشانلىرىنىڭ توقۇنۇش ۋە كىرىزىستىن ساقلىنىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر