پۇتىن: ئەرمېنىيەنىڭ كېلىشىمنى رەت قىلىشى «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش» بولىدۇ

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئەرمېنىيەنىڭ تاغلىق قاراباغ كېلىشىمىنى رەت قىلىشىنىڭ «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش» بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1529618
پۇتىن: ئەرمېنىيەنىڭ كېلىشىمنى رەت قىلىشى «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش» بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن، «روسىيە» دۆلەت تېلېۋىزىيەسىگە بايانات بېرىپ، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا تاغلىق قاراباغدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ قان تۆكۈلۈشنى توختاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، تاغلىق قاراباغنى ئەرمېنىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېچكىمنىڭ ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «قاراباغنىڭ ئاخىرقى سالاھىيىتى بېكىتىلمىدى. بىز ھازىرقى ھالەتنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشتۇق. بۇنىڭدىن كېيىن قانداق بولىدىغانلىقىغا كەلگۈسى رەھبەرلەر – كېلەچەكتە بۇ مۇساپىگە قاتنىشىدىغانلار قارار قىلىدۇ» دېدى.

ئەزەربەيجاننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن كونترول مىخانىزمى ۋە مەركىزى قۇرۇشى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ۋىلادىمىر پۇتىن، تۈركىيە بىلەن سۈرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا شەرق رايونىدىمۇ ئۆزئارا ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر