ياپونىيە ئامېرىكانىڭ خەلقئارالىق مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى
ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى توشىمىتسۇ 3-نويابىر(2020) ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، ئامېرىكانىڭ 46-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان جو بايدىن ھۆكۈمتىنى تاشقى سىياسەتتە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقىلىرىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى موتېگى توشىمىتسۇ دۆلەت ئاخبارات كۇلۇبى(JNPC) دا سۆز قىلدى.
ئۇ 2021-يىلى يانۋار ئېيىدا ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدىغان ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە ئىچكى سىياسەت بىلەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ خەلقئارالىق مەسىلىلەرگە «قايتىدىن ئەھمىيەت بېرىشى» كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى ئۈستىدە توختالغاندا: «ھەل قىلىشقا يېقىن بولغان كىرىزىس ئەمەس» دېدى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سودا ساھەسىدە خىتايغا قارشى كەسكىن رىقابەتلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ خىتاينىڭ رايوندىكى «ئۇرۇشقاق» پوزىتسىيەسىنى خاتىرىلىتىپ: «ياپونىيە خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىزدا ۋە جەنۇبىي دېڭىزدا كۈچ ئىشلىتىپ تەرتىپنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي توسۇشى كېرەك. ئامېركانىڭ ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان نىشانى ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىسىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ياپونىيە دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەسىلىسى» دېدى.