غەرب ئەللىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 332 مىڭدىن ئاشتى. يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 55 مىليون 350 مىڭغا ۋە ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ سانى 38 مىليون 490 مىڭغا يەتتى.

1529024
غەرب ئەللىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 252 مىڭ 652 گە ۋە  يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 11 مىليون 538 مىڭا يەتتى. ئامېرىكادا يۇقۇم باشلانغاندىن تارتىپ  12-نويابىرغىچە 1 مىليون 39 مىڭ 464 كىچىك بالىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئەنگلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 52 ​​مىڭ 147 گە ۋە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 390 مىڭغا يەتتى.

ئىسپانىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 41 مىڭ 253 كە ۋە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 521 مىڭغا ئۆرلىدى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 504 كىشى قازا قىلىپ، ئومۇمىي قازا قىلغانلارنىڭ سانى 45 مىڭ 733 كە  ۋە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 27 مىڭ 354 كىشى ئېشىپ، 1 مىليون 205 مىڭ 81 گە يەتتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن 508 كىشى قازا قىلىپ، ئومۇمىي قازا قىلغانلارنىڭ سانى 45 مىڭ 54 كە يەتتى. بىر كۈندە 9 مىڭ 406 يېڭى يۇقۇملانغۇچى بايقىلىشى بىلەن ئومۇمىي يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 991 مىڭ 233 گە ئۆرلىدى. سەھىيە مىنىستىرى ئولىۋىيېر ۋېران باياناتىدا، مەملىكەت مىقياسىدا كوچىغا چىقىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى بىلەن ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى ئاستىلىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر