شەرق ئەللىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 324 مىڭدىن ئاشتى. يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 54 مىليون 818 مىڭغا ۋە ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ سانى 38 مىليون 140 مىڭغا يەتتى.

1528355
شەرق ئەللىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا يۇقۇمدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 130 مىڭ 109 غا ۋە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 8 مىليون 845 مىڭغا يەتتى.

ئىراندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 41 مىڭ 493 كە يەتتى. يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 762 مىڭ 68 گە ئۆرلىدى.

كوۋىد -19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن رۇسىيەدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 33 مىڭ 186 گە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 925 مىڭغا يەتتى.

ئافرىقا قىتئەسى مىقياسىدا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 275 كىشى ئېشىپ، 47 مىڭ 438 گە يەتتى.

ئافرىقا قىتئەسىدە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانىمۇ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 12 مىڭ 468 كىشى ئېشىپ، 1 مىليون 987 مىڭ 732 گە يەتتى. 20 مىڭ 241 كىشىنىڭ قازا قىلىشى بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا كوۋىد – 19 سەۋەبىدىن ئەڭ كۆپ كىشى قازا قىلغان ئافرىقا دۆلىتىگە ئايلاندى.

مىسىردا 6 مىڭ 453  كىشى، ماراكەشتە 4 مىڭ 779 كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر