ئاقدېڭىزدا يەنە بىر بوۋاق جېنىدىن ئايرىلدى

ئاقدېڭىزدا قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان بىر قولۋاق لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە سۇغا چۆكۈپ كېتىپ، بىر بوۋاقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1526407
ئاقدېڭىزدا يەنە بىر بوۋاق جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەنىڭ «Open Arms» تەشكىلاتى تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، لىۋىيەدىكى سابراسا قەدىمكى شەھىرىگە 30 مىل كېلىدىغان دېڭىز تەۋەلىكىدە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

قۇتقۇزۇش جەريانىدا ئىككىگە پارچىلىنىپ كەتكەن قولۋاقتىن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن 110 كۆچمەننىڭ تەشكىلات خادىملىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى، بىر بوۋاقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە كۆچمەننىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىتالىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابىمۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئەتىگەن تەرەپتە ياۋروپا چېگرا قوغداش ئاگېنتلىقىنىڭ چارلاش ئايروپىلانىنىڭ سۇغا چۆكۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان قولۋاقنى بايقىغانلىقى ۋە «Open Arms» تەشكىلاتى پاراخوتىنىڭ رايوندا قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر