گۇتېررېس دۇنيا ئەللىرىنى مۇخبىرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس، ئۇرۇش رايونلىرى باشتا بولۇپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ژۇرنالىستلارغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملاردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

1526332
گۇتېررېس دۇنيا ئەللىرىنى مۇخبىرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس، ئۇرۇش رايونلىرى باشتا بولۇپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ژۇرنالىستلارغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملاردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ئاساسەن مېدىيا مەنسۇپلىرىنى قوغداشقا چاقىردى.

گۇتېررېس باياناتچىسى ستېفان دۇجارىك ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت مائارىپ ، پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى – يۇنېسكونىڭ 2018 – 2019 – يىللىرىدا 67 مۇخبىرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى دەلىللەپ چىققانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە ژۇرنالىستلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى، شۇنداقلا مەزكۇر جىنايەتلەرنىڭ جازاسىز قالماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، مۇخبىرلارنىڭ يەنە خالىغانچە قولغا ئېلىنىش ، ۋىزىلىرىنىڭ رەت قىلىنىشى ۋە ھەرىكەت چەكلىمىسىگە ئۇچراش دېگەندەك مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باش كاتىپ يەنە ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، مۇخبىرلارنىڭ خەلقئارا ئىنسانىي ھوقۇق دائىرىسىدە قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر