ياۋروپا رەھبەرلىرى تېروررلۇققا قارشى يېڭى تەدبىرلەرنى مۇزاكىرىلەشتى

فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئاۋستىرىيە، گوللاندىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى، ياۋروپادا تېرورلۇققا قارشى يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا كېلىشتى.

1525653
ياۋروپا رەھبەرلىرى تېروررلۇققا قارشى يېڭى تەدبىرلەرنى مۇزاكىرىلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، ئاۋستىرىيە باش مىنىستىرى سېباستىيان كۇرز، گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتې بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى رەئىسى چارلېز مىشېل ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ھەققىدە سىنلىق يىغىن ئۆتكۈزدى.

يىغىندا، تېرورلۇققا قارشى بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى.

يولغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەرنىڭ ئىچىدە، توردا تېررورلۇق تەشۋىقاتلىرىنى ۋە نەپرەت سۆزلىرىنى تېزدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاش، شەنگەن رايونىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى چېگراسىغا كىرىش-چىقىشنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش ۋە ياۋروپادا ئىماملارنىڭ تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن يېڭى ئورگانلارنى قۇرۇپ چىقىش قاتارلىقلارمۇ بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر