پاكىستان ئەزەربەيجاننىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى زېمىنىنى ئازاد قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، پاكىستاننىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا ئاساسەن تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1525720
پاكىستان ئەزەربەيجاننىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى زېمىنىنى ئازاد قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتتا، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقى تەكىتلىنىپ، «بىز قېرىنداش ئەزەربەيجان خەلقىنى ۋە ھۆكۈمىتىنى زېمىنىنى ئازاد قىلىنغانلىقى ئۈچۈن تەبرىكلەيمىز. بۇنىڭ رايوندا يېڭى بىر مۇقىملىق ۋە گۈللىنىش دەۋرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشىنى شۇنداقلا يۇرت ماكانلىرىدىن  ئايرىۋىتىلگەن ئىنسانلارنىڭ ئاتا يۈرتلىرىغا قايتىشىنى ئاسانلاشتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز » دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تەرىپىدىنن ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۈچ تەرەپ كېلىشىمىنىڭ جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدا تىنچلىقنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن يېڭى بىر پۇرسەت ياراتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر