خىتاي ئامېرىكا-تەيۋەن ئىقتىسادىي يىغىنىغا قارشى چىقتى

خىتاي ئامېرىكانى تەيۋەن بىلەن ھەر تۈرلۈك رەسمىي ئۇچرىشىشلارنى توختىتىشقا چاقىردى.

1525925
خىتاي ئامېرىكا-تەيۋەن ئىقتىسادىي يىغىنىغا قارشى چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋىنبىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن 20-نويابىر (2020) دا ئۆتكۈزىدىغان ئىقتىسادىي دىيالوگ يىغىنىغا قارشى ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

باياناتچى ۋاڭ ۋىنبىن ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەندىكى مۇستەقىلچىلەرگە «خاتا سىگنال» بېرىشتىن يىراق تۇرۇشى ۋە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بىلەن تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان سېلىشنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ۋاڭ  ۋىنبىن: «خىتايدىن بۇرۇندىن تارتىپ ئامېرىكانىڭ تەيۋەن بىلەن رەسمىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا قارشى تۇرۇپ كەلدى. ئامېرىكانى ‹بىر خىتاي› پىرىنسىپىغا بويسۇنۇشقا، تەيۋەن بىلەن ھەر تۈرلۈك رەسمىي ئۇچرىشىشلىرىنى ئۈزۈشكە، ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھازىرقى مەۋجۇت ھالىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىرىشتىن ۋاز كېچىشكە ۋە تەيۋەن مەسىلىسىنى دىققەت بىلەن مۇھاكىمە قىلىشقا چاقىرىمىز» دېدى.

تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ تۇنجى بولۇش ئالاھىدىكىگە ئىگە يىغىن ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن كۈچلۈك ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كېڭەيتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، يىغىنغا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئۈچۈن «مۇساپە تېشى» دەپ باھا بەردى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى «بىر خىتاي» پىرىنسىپىنى تەكىتلەپ، خەلقئارالىق جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ خىتايغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. شۇنداقلا تەيۋەننىڭ دۇنيادىكى دۆلەتلەر بىلەن مۇستەقىل دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا، ب د ت دا ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن ئورۇن ئېلىشىغا قارشى چىقىپ كەلمەكتە.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر