ئامېرىكا پ ك ك نىڭ ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى دوھۇق شەھىرىدە پەشمەرگە كۈچلىرىگە قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ ياردەمچىسى كالى بروۋن، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى دائىرىلىرىگە قىلغان ھۇجۇمىنى ئەپسۇسلانغان ھالدا ئەيىبلىمەكتە. ۋاشىنگتون ئىراق باش مىنىستىرى مۇستافا ئەلقازىمى ۋە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزمنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملىق قوللايدۇ. ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە يارىلانغان كىشىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، ئۇلاردىن ھال سورايمىز.»
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرى، چارشەنبە كۈنى، ئىراقنىڭ دوھۇق ۋىلايىتىنىڭ چەمەنكە ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق پەشمەرگە كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا، بىر پەشمەرگە ئۆلگەن، 3 پەشمەرگە يارىلانغانىدى.