ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە قىسىملىرىغا ئالدىنقى سەپتە ئېغىر زەربە بەرمەكتە

ئۇرۇش توختىتىشقا خىپلىق قىلىپ، كېچە بويىچە، ئولتۇراق رايونلارغا ۋە ئالدىنقى سەپنىڭ ئوخشىمىغان يۆنىلىشىگە ھۇجۇم قىلغان ئەرمېنىيە قىسىملىرىغا ئەزەربەيجان ئارمىيەسى قاقشاتقۇچ زەربە بەرمەكتە.

1519966
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە قىسىملىرىغا ئالدىنقى سەپتە ئېغىر زەربە بەرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، توقۇنۇشنىڭ ئاساساسەن ئالدىننقى سەپتىكى ئاغدام، خوجاۋەند ۋە گۇبادلى يۆنىلىشىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مۇشۇ 24 سائەتتە ئالدىنقى سەپنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئەرمېنىيە قىسىملىرىغا تەۋە 4 «گراد» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، ئوخشىمىغان 10 خىل زەمبىرەك، ئوق-دورا بىلەن تولغان 3 يۈك ئاپتوموبىلى ۋە 5 ئادەتتىكى ھەربىي ئاپتوموبىلنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى بەزى جايلاردا ئەسكەرلىرى ۋە ھەربىي ئۈسكۈنىلىرى ئېغىر يوقۇتۇشقا ئۇچراپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقى، قورال-ياراغ ، ئوق-دورا ۋە يېمەكلىكلىرىنىڭ تۈگىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئالدىنقى سەپنىڭ ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر