فىرانسىيەدىكى غايەت زور ئوت ئاپىتىدە، بەزى بىنالار خەۋپ ئاستىدا قالدى

فىرانسىيەنىڭ شىمالىدىكى پورت شەھىرى لې ھاۋرېدە تاشلىۋېتىلگەن بىر ئىسكىلاتتا غايەت زور ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

1515406
فىرانسىيەدىكى غايەت زور ئوت ئاپىتىدە، بەزى بىنالار خەۋپ ئاستىدا قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى نەچچە كىلومىتىر يىراقلىقتىنمۇ كۆرۈندى.

نۇرغۇن ساندا ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ئاپەتكە مۇداخىلە قىلدى، ئوت ئاپىتى خەۋپى ئاستىدا قالغان نەق مەيدانغا يېقىن بىنالاردا تۇرۇشلۇق كىشىلەر تارقاقلاشتۇرۇلدى.

ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسى ۋە ماددى زىيان كۆرۈلگەن ياكى كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر