ياپونىيە، ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى

ياپونىيە باش ۋەزىرى سۇگا يوشىھىدې (Suga Yoşihide) ياپونىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىپ، ئەركىن ۋە ئوچۇق بولغان ھىندى-تىنچ ئوكيان نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1514785
ياپونىيە، ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە باش ۋەزىرى سۇگا يوشىھىدې توكيودا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئىشتابىدىكى ئادمىرال فىلىپ داۋىدسون (Philip Davidson) نى قوبۇل قىلغاندا، جەنۇبىي ۋە شەرقىي دېڭىزدىكى رايونلۇق خەۋپسىزلىك تەھدىتلەر ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى.

ئۇ شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان ۋە بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ئۇرۇنۇشلاردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئالىي رەھبەرلەر ئۇچرىشىش سەۋىيەسىدە تۇرۇۋاتقان ياپونىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كوردىناتسىيە ۋە ھەمكارلىقلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايمىز» دېدى.

ئادمىرال فىلىپ داۋىدسون: «ئامېرىكا ياپونىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقتىن مەمنۇن. بۇ نىشاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا مۇناسىۋەتلىك ھەمكارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ياپونىيە «نىككېي گېزىتى» دە بىلدۈرۈلىشىچە، كۆرۈشۈشتە، شىمالىي كورېيەنىڭ 2020-يىلى سېنتەبىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئاشكارىلىغان ۋە «يېڭى قىتئەلەر ئارا بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان قوراللار، خىتاينىڭ رايوندىكى كۈچىيىۋاتقان كېڭەيمىچىلىكى ۋە ئوكىناۋادىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىنىڭ ئىشتات ئۈستىدىكى يۈكلىرىنى يەڭگىللىتىش قاتارلىق خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر