دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 42 مىليوندىن ئاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 1 مىليون 142 مىڭدىن، يۇقۇملانغانلار سانى 42 مىليون 3 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 31 مىليون 190 مىڭدىن ئاشتى.

1514467
دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 42 مىليوندىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادا ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 228 مىڭ 423 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 8 مىليون 664 مىڭ 365 كە چىقتى.

ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى (CDC) ئامېرىكا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانىنىڭ 300 مىڭ ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا ئىدارىسى ۋۇخەن ۋىرۇسىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ۋېكلۇرىي (Veklury) ناملىق دورىنى تەستىقلىدى.

ياۋروپادا يۇقۇملانغانلار سانىدىكى كۆپىيىش، ئىككىنچى دولقۇننىڭ تارقىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

ۋابانىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 189 كىشى ئېشىپ 44 مىڭ 347 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 21 مىڭ 242 كىشى ئېشىپ 810 مىڭ 467 گە چىقتى.

فىرانسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار يېقىنقى 24 سائەتتە 162 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 34 مىڭ 210 غا چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 41 مىڭ 622 كىشى يۇقۇملىنىپ، جەمئىي سان 999 مىڭ 43 كە چىقتى.

2020-يىلى 24-ئۆكتەبىردىن باشلاپ كېچە سىرتقا چىقىش چەكلەنگەن رايون سانى 46 مىليون كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە 54 كە چىقىرىلدى.

فىرانسىيە باش مىنىستىرى يېن كاستېكس (Jean Castex) ۋابانىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 548 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە 28 مىڭ 216 كىشى يۇقۇملانغان گىرېتسىيەدە، باش مىنىستىر كىرياكوس مىچوتاكىس (Kiryakos Miçotakis ) ئافېنا بىلەن سەلانىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقۇم ئېغىر بولغان رايونلاردا سائەت 00:30 دىن 05:00 كىچە سىرتقا چىقىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىراق سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىنقى 24 سائەتتە 47 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 3 مىڭ 899 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 10 مىڭ 465 كە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار 442 مىڭ 164 كە چىقتى. 

يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 995 كىشى يۇقۇملانغان لىۋىيەدە، جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار 768 گە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 52 مىڭ 620 گە چىقتى.

ئىراندا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 335 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 6 مىڭ 134 كىشى يۇقۇملاندى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 31 مىڭ 985 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 556 مىڭ 891 گە چىقتى.

غەززەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 29 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 5 مىڭ 79 كىشى يۇقۇملاندى. يۇقۇمنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن نۇرغۇن رايونلاردا سىرتقا چىقىش چەكلەندى.

ئافرىقا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 40 مىڭ 760 قا چىقتى. مەزكۇر قىتئەدە يېقىنقى 24 سائەتتە 10 مىڭ 970 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان1 مىليون 696 مىڭ 418 گە چىقتى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

بىرازىلىيە 155 مىڭ 962، مېكسىكا 87 مىڭ 894، ئىتالىيە 36 مىڭ 968، ئىسپانىيە 34 مىڭ 521، پېرۇ 33 مىڭ 984، كولومبىيە 29 مىڭ 636، ئارگېنتىنا 27 مىڭ 957، چىلى 13 مىڭ 792، ئېكۋادور 12 مىڭ 500، بېلگىيە 10 مىڭ 588، گېرمانىيە 10 مىڭ 44، جەنۇبىي ئافرىقا 18 مىڭ 843، مىسىر 6 مىڭ 166، ماراكەش 3 مىڭ 132، ھىندىستان 117 مىڭ 365، ئىران 31 مىڭ 650، رۇسىيە 25 مىڭ 242 ۋە ھىندونېزىيە 12 مىڭ 959.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر