ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى: دىپلوماتىك چارە يوق

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان پۇقرالىرىنى «ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدە ئۇرۇش قىلىش» قا چاقىرىپ، تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىنىڭ دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ھەل بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1513624
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى: دىپلوماتىك چارە يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاشىنيان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Facebook سەھىپىسىدە، تاغلىق قاراباغدا ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە باشلانغان ۋە ئەزەربەيجان ئارمىيەسى كۆپ ساندا ئولتۇراق رايونلىرىنى ئازاد قىلغان باسقۇچ ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋال ئاستىدا دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ھەل بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشىمىز كېرەك.»

ئۇ، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئېغىر تالاپەتلەر سەۋەبىدىن خەلقىنى «ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدە ئۇرۇش قىلىش» قا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «كىرىزىس دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنغانغا قەدەر بارلىق پۇقرالارنىڭ قوللىرىغا قورال ئېلىپ ئۇرۇش قىلىشى شەرتتۇر. جۈملىدىن، تاغلىق قاراباغدىكى بارلىق تىجارەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ، تاغلىق قاراباغقا قايتىپ، ھەربىي خىزمەت ئۆتەشلىرى كېرەك.»

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى، ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن 27 – سېنتەبىر كۈنى قوزغىغان ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا، ھازىرغىچە 3 شەھەر ۋە 100 دىن ئارتۇق ئولتۇراق رايونىنى ئازاد قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر