ماكروننىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى پوزىتسىيەسى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەرز قىلىندى

فرانسىيەدە ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش كوللېكتىپى (CCIF) پىرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكرون ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى سەۋەبىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەرز سۇندى.

1513121
ماكروننىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى پوزىتسىيەسى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەرز قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە كەمسىتىشكە ۋە ھۇجۇملارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان مۇسۇلمانلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش كوللېكتىپى (CCIF)  ئېلان قىلغان باياناتىدا، ماكرون ھۆكۈمىتى تەييارلىغان بۆلگۈنچى پىكىرلەرگە قارشى كۈرەش قانۇن لايىھىسى ۋە مۇسۇلمانلار جەمئىيەتلىرى بىلەن ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى تاقاش ئۇرۇنۇشلىرى ھەققىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەرز سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ماكرون ئالدىنقى كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۈگۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدا، پەلەستىننى قوللايدىغان شەيخ ياسىن كوللېكتىپىنى تاقاش قارارىنى چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئېممانۇئېل ماكرون ھۆكۈمىتى تەييارلىغان بۆلگۈنچى پىكىرلەرگە قارشى كۈرەش قانۇن لايىھىسى دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلار ۋە جەمئىيەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئىشلىتىشنى، مەسچىتلەرنىڭ مەبلەغلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشنى ۋە فرانسىيەگە چەتئەلدىن دىنىي خادىملارنىڭ كېلىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېرالد دارمانىن دۆلەت ئىچىدىكى بازارلاردا ھالال يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن ئايرىم سېتىش ئورنى بولىشىدىن بىئارام بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

گېرالد دارمانىن «BFMTV» قانىلىدا كۈن تەرتىپكە ئالاقىدار ئىزاھات بەردى.

دارمانىن بازاردا ھالال يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن مەخسۇس سېتىش يەرلىرىنىڭ بولىشىدىن ھەيران قالغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن بىئارام بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «بازارلاردا پەقەت ھالال يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنىلا ساتىدىغان جايلار بولماسلىقى لازىم» دېدى.

مىنىستىر دارمانىن يەنە، فىرانسىيەدە مۇھەممەد پەيغەمبەرنى ھاقارەتلەيدىغان كارتونلارنىڭ تارقىتىلىشىنى ۋە مەكتەپ دەرسلىرىدە كۆرسىتىلسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دارمانىن فىرانسىيەدە يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان مەسچىتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 358 ئورۇننىڭ تاقالغانلىقىنى ۋە 428 چەتئەللىكنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا بولغان بېسىم ۋە ھۇجۇملار كۆپەيمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر