مەرسىن پورتىدا چەت ئەلدىن كەلگەن بىر پاراخوتتىكى 220 كىلوگىرام كوكايىن قولغا چۈشۈرۈلدى

بىرازىلىيەدىن مەرسىن خەلقئارا پورتىغا كەلگەن بىر پاراخوتتىكى 220 كىلوگىرام كوكايىن قولغا چۈشۈرۈلدى.

1512910
مەرسىن پورتىدا چەت ئەلدىن كەلگەن بىر پاراخوتتىكى 220 كىلوگىرام كوكايىن قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەرسىن جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش شۆبىسى خادىملىرى، بىرازىلىيەدىن  كەلگەن پاراخوتتىكى قەغەز قاچىلانغان بىر بۆلۈمنى تەكشۈرۈپ، ئا4 قەغەز قۇتىلىرىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇلغان 200 بولاقتىكى 220 كىلوگىرام كوكايىننى قولغا چۈشۈرگەن.

خەۋپسىزلىك خادىملىرى 2 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر