فىرانسىيەدە ئېرىدىن تاياق يېگەن بىر ئايال كاتولىك ئېرىنىڭ ئۈستىدىن «رادىكال ئىسلامچى» دەپ ئەرز سۇندى

فىرانسىيەدە ئېرىنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان بىر ئايال كاتولىك ئېرىنىڭ ئۈستىدىن «قوراللىق رادىكال ئىسلامچى» دەپ ئەرز سۇندى.

1513063
فىرانسىيەدە ئېرىدىن تاياق يېگەن بىر ئايال كاتولىك ئېرىنىڭ ئۈستىدىن «رادىكال ئىسلامچى» دەپ ئەرز سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ نىمېس شەھىرىدە، يولدىشىنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان بىر ئايال ساقچىغا تېلېفون قىلىپ، يولدىشىنىڭ قانۇنسىز قوراللىرى بولغان «رادىكال ئىسلامچى» ئىكەنلىكىنى ئەرز قىلدى.

فىرانسىيە ساقچىلىرى ئۆيىگە بارغىنىدا، مەزكۇر ئايالنىڭ يولدىشىنىڭ ئەسلىدە «مۇتەئەسسىپ كاتولىك» ئىكەنلىكىنى، ئۆيدىكى قوراللارنىڭمۇ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

ئەرگە ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلىش ۋە ئايالغا بولسا، تۆھمەت قىلىش جىنايىتى بىلەن دېلو تۇرغۇزۇلدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون 2 - ئۆكتەبىردە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلامچى، بۆلگۈنچى ئىدىيەلەرگە قارشى كۈرەشكە ئالاقىدار بىر قانۇن لايەھىسىنى تەييارلىغانلىقىنى ۋە 9 - دېكابىردا مىنىستىرلار كېڭىشىگە سۇنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ماكرون «جۇمھۇرىيەتنىڭ شېرىكى بولۇشى ئۈچۈن ئىسلام ئىسلاھ قىلىنىشى لازىم» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، فىرانسىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بۆلگۈنچى پىكىرلەرنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىدىئولوگىيەلىرىنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆز قانۇنلىرىنى فىرانسىيەنىڭ قانۇنىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، ئىسلامنى ھۇجۇم نىشانى ئورنىدا كۆرسەتكەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر