ئىسرائىلىيەدە باش مىنىستىر بىنيامىن نېتانياھۇغا قارشى نامايىشچىلار كوچىلارغا سەل بولۇپ ئاقتى

ئىسرائىلىيەدە كوۋىد-19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن نامايىشقا قويۇلغان چەكلىمىلەر بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، باش مىنىستىر بىنيامىن نېتانياھۇغا قارشى ئۆكتىچىلەر دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

1511146
ئىسرائىلىيەدە باش مىنىستىر بىنيامىن نېتانياھۇغا قارشى نامايىشچىلار كوچىلارغا سەل بولۇپ ئاقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنيامىن نېتانياھۇنىڭ چىرىكلىك دېلوسى ۋە كوۋىد -19 يۇقۇمى جەريانىنى باشقۇرالمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئىستىپا بېرىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئادرېسى غەربىي قۇددۇستىكى باش مىنىستىرلىق تۇرالغۇسى بولدى.

بەزى نامايىشچىلار «جىنايەت باش مىنىستىرى» دەپ يېزىلغان مايكىلارنى كىيگەن بولسا، يەنە بەزىلىرى «بىز چىرىكلىككە قارشى كۈرەش قىلىمىز»، «ئەمدى كەت!» دېگەن لوزىنكىلارنى كۆتۈردى.

نامايىشقا  20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى ۋە «بىبى (نېتانياھۇ) ئۆيىڭگە كەت» دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر