دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 39 مىليوندىن ئاشتى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 103 مىڭ 111 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 39 مىليون 186 مىڭ 835 تىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 29 مىليون 386 مىڭ 115 تىن ئاشتى.

1510298
دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 39 مىليوندىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادا ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 222 مىڭ 717 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 8 مىليون 216 مىڭ 315 كە يەتتى. 41 ئىشتاتتا يۇقۇملانغانلار سانىدا ئىزچىل ئېشىش كۆرۈلدى.

ئامېرىكادا يۇقۇم سانىدا ئۈچىنچى قېتىم ئېشىشنىڭ كۆرۈلۈش مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 88 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 33 مىڭ 125 كە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى رېكورت سەۋىيەدە 30 مىڭ 621 كىشى ئېشىپ 809 مىڭ 684 كە چىقتى.

سەھىيە خادىملىرى مەملىكەت مىقياسىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، پىرېزىدېنت ماكروندىن تېخىمۇ دوختۇر، سىستېرا ۋە سەھىيە خىزمەتچىلىرىنى ئىشقا ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

گېرمانىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 24 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 9 مىڭ 810 غا چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 7 مىڭ 334 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 348 مىڭ 816 گە چىقتى.

ئاسىيا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ھىندىستاندا، يېقىنقى 24 سائەتتە 895 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 112 مىڭ 161 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 63 مىڭ 371 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 7 مىليون 370 مىڭ 468 گە چىقتى.

ھىندىستان يۇقۇم سانىدا دۇنيادىكى ئىككىنچى دۆلەت بولۇپ قالدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 619 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 43 مىڭ 280 كىشى يۇقۇملانغان ئەزەربەيجاندا، مەكتەپلەرنىڭ تەتىل ۋاقتى 2020-يىلى 2-نويابىرغىچە ئۇزارتىلدى. ئېلىنغان تەدبىرلەر رامكىسىدا، باكۇ مېتروسىمۇ 2-نويابىرغىچە قاتنىمايدۇ. %30 دۆلەت خىزمەتچىلىرى ئىشقا بارىدۇ، باشقىلار يىراقتىن خىزمەت قىلىدۇ. خۇسۇسىي شىركەتلەرگىمۇ بۇ تەدبىرلەر تەۋسىيە قىلىندى.

ئەزەربەيجان مىنىستىرلار كېڭىشى 65 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىن چىقماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى.

رۇسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 232 كىشى ئېشىپ 23 مىڭ 723 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، يۇقۇملانغانلار سانى 15 مىڭ 150 كىشى ئېشىپ 1 مىليون 369 مىڭ 313 كە چىقتى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

بىرازىلىيە 152 مىڭ 513، مېكسىكا 85 مىڭ 285، ئەنگلىيە 43 مىڭ 293، ئىتالىيە 36 مىڭ 372، پېرۇ 33 مىڭ 577، ئىسپانىيە 33 مىڭ 553، كولومبىيە 28 مىڭ 457، ئارگېنتىنا 25 مىڭ 342، چىلى 13 مىڭ 434، ئېكۋادور 12 مىڭ 306، بېلگىيە 10 مىڭ 327، بولىۋىيە 8 مىڭ 377، جەنۇبىي ئافرىقا 18 مىڭ 309، ھىندونېزىيە 12 مىڭ 268، ئىراق 10 مىڭ 86 ۋە گىۋاتېمالا 3 مىڭ 453.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر