مائاس: رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىمىز

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس، رۇسىيەلىك ئۆكتىچى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ زەھەرلىنىشىگە قارىتا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيەگە ئورتاق ئىنكاس قايتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1505290
مائاس: رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مائاس فېدېراتسىيە پارلامېنتىدىكى سۆزىدە، ناۋالنىينىڭ خىمىيەلىك ماددىلار بىلەن زەھەرلىنىشىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ قىلىش بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «بۇ نەتىجىسىز ھالەتتە بۇنداق قالسا بولمايدۇ. شۇڭا رۇسىيە، ناۋالنىي دېلوسىنى ئايدىڭلىتىدىغان مەلۇماتلارنى بەرمىسە، رۇسىيە تەرەپتىكى جاۋابكارلارغا مۇازىنەتلىك جازا يۈرگۈزۈش مۇقەررەرلىشىدۇ. رۇسىيەنى ۋەزىيەتنى بۇ باسقۇچقا يەتكۈزىدۇ، دەپ ئويلىمايمەن.» دېدى.

مائاس يەنە، تاغلىق قاراباغدىكى توقۇنۇشلار توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، گېرمانىيەنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مەسىلىدە تەرەپسىز ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر