گېبرېيۇس: ۋاكسىنا مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە تەييار بولۇشى مۇمكىن

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) ۋاكسىنىسىنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە تەييارلاش بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈردى.

1504325
گېبرېيۇس: ۋاكسىنا مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە تەييار بولۇشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش كاتىپ گېبرېيۇس تۈنۈگۈن شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئاخىرلاشقان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ «كوۋىد - 19 غا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە يىغىن»ىدا سۆز قىلدى.

«(كوۋىد – 19 ئۈچۈن) ۋاكسىنىلارغا ئېھتىياجلىق ۋە مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بىر ۋاكسىنىغا ئىگە بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن گېبرېيۇس، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، دۇنيا مىقياسىدا كەڭ دائىرىدە ۋاكسىنىلاش خىزمىتىنىڭ قاچان باشلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالمىدى.

گېبرېيۇس ھەر قېتىملىق نۇتۇقىدىكىگە ئوخشاشلا بۇ قېتىممۇ «دۇنياۋى ئىتتىپاقلىق» ئورنىتىش چاقىرىقىنى تەكرارلاپ، ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىنىلىرى ئىشلەپچىقىرىلغاندىن كېيىن ھەرقايسى دۆلەتلەرگە باراۋەر تەقسىملەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن دۇنيا رەھبەرلىرىدىن سىياسىي ئىرادىلىرىنى نامايان قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كوۋىد – 19 ۋاكسىنىلىرىغا ئىگە بولۇش يەرشارىۋى پىروگراممىسى، 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 2 مىليارد قۇتا ۋاكسىنا تارقىتىشنى نىشان قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر