فۇئاد ھۈسەيىن: ئامېرىكانىڭ چېكىنىشى ئىراققا نىسبەتەن ئاپەت بولىدۇ

ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇئاد ھۈسەيىن ئامېرىكانىڭ باغداتتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى تاقىشى ۋە ئىراقتىن چېكىنىشنىڭ «ئاپەت» بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىراققا قارىتا خەلقئارانىڭ ئىشەنچىسىنى يوقىتىدىغانلىقىنى ئىيتتى.

1503717
فۇئاد ھۈسەيىن: ئامېرىكانىڭ چېكىنىشى ئىراققا نىسبەتەن ئاپەت بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇئاد ھۈسەيىن ئىراق رەسمىي تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ئىراقتىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈسىتىدە توختالدى.

فۇئاد ھۈسەيىن ئامېرىكانىڭ باغداتتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ پات پات باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا دۇچار بولىشى سەۋەبىدىن تاقىلىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر ئۈستىدە توختىلىپ، «ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇملار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە،  ئىراق خەلقىگە قىلىنغان ھۇجۇم بولۇپ، بەدەلىنى ئىراقلىقلار ئۆتەۋاتىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ بۇ ھۇجۇملار سەۋەبىدىن باغداتتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى تاقاشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ تاقىلىشى ئاپەت بولىدۇ. ئامېرىكانىڭ چېكىنىشى خەلقئارانىڭ ئىراققا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ» دېدى.

فۇئاد ھۈسەيىن ئىراننىڭ ئىراقتىكى تەسىرى ئۈتىدىمۇ توختىلىپ، «ئىراقنىڭ رېئاللىقىدا ئىراننىڭ ئاكتىپ رولى بار. بىز چوقۇم ئىران بىلەن ئىراقتىكى نوپۇزى ھەققىدە ھەقىقىي ۋە كونكرېت سۆھبەتنى باشلىشىمىز كېرەك. بۇ دىئالوگ پەردە ئارقىسىدىن شىرە ئۈستىگە ئېلىپ كېلىنىشى لازىم. ئىران ئىراققا قارىتا ئىجابىي قەدەملەرنى تاشلايدۇ دەپ ئويلايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر