دەرىجىدىن تاشقىرى ياشاشقا بولىدىغان 24 پىلانىت بايقالدى

ئاسترونوملار قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا 24 يوشۇرۇن «ئادەتتىن تاشقىرى ياشاشقا بولىدىغان» پىلانىتلارنى ئېنىقلاپ چىقتى.

1503566
دەرىجىدىن تاشقىرى ياشاشقا بولىدىغان 24 پىلانىت بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «TechExplorist» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋاشىنگىتون ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەت قىلىدىغان ئاسترونوم دىرك شۇلزې-ماكۇچ باشچىلىقىدىكى گۇرۇپپا تەرىپىدىن ئېنىقلانغان تاشقى پىلانىتلار ئارىسىدا يەرشارىدىن تېخىمۇ چوڭراق  ۋە تېخىمۇ ياشانغان ھەمدە تېخىمۇ ئىسسىق ۋە تېخىمۇ نەم  پىلانىتلارنى بايقىغان.

قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى 4500 داڭلىق تاشقى پىلانېت ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ گۇرۇپپا، قۇرۇقلۇق بۆلەكلىرى بولغان پىلانېتلارغا ئىگە سىستېمىلارنى تەكشۈرگەن.

ئۇلارنىڭ ئىچىدە  24 پىلانىتنىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى ياشاشقا بولىدىغانلىقى» بايقالغان.

ياشاشقا پايدىلىق شارائىتقا ئىگە بۇ پىلانىتلار يەرشارىدىن كەم دېگەندە 100 نۇر يىلى ئۇزاقلىقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر