ناتو باش كاتىپى تۈركىيەگە كېلىدۇ

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ دۈشەنبە كۈنى تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1502026
ناتو باش كاتىپى تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ستولتېنبېرگ كېلەر ھەپتە تۈركىيە ۋە گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولىدىكەن. ئالدى بىلەن، دۈشەنبە كۈنى پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ۋە باشقا ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىكەن.

ستولتېنبېرگ، تۈركىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، سەيشەنبە كۈنى ئاتىناغا يېتىپ بېرىپ، گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس، دىپلوماتىيە مىنىستىرى نىكوس دېندىئاس  ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نىكوس پاناگىئوتوپولوس قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، تۈنۈگۈن، تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا يېقىندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان مۇزاكىرىلەردىن كېيىن، شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىدە ئىختىلاپنى تەھلىل قىلىش مېتودلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مىخانىزىم ئورنىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر