كىم جوڭئۇن ترامپقا شىپالىق تىلىدى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا شىپالىق تىلەپ تېلېگرامما يوللىدى.

1502136
كىم جوڭئۇن ترامپقا شىپالىق تىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (KCNA) نىڭ خەۋىرىدە، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىگە شىپالىق تىلەپ تېلېگرامما يوللىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «رەھبىرىمىز، تېلېگراممىسىدا، ترامپ ۋە رەپىقىسىگە شىپالىق تىلىدى، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ھەمدە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ساقىيىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر