ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجاننى ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى چارلېز مىشېل، ئەزەربەيجان پرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنى ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى.

1500587
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجاننى ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چارلېز مىشېل ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ئۆزىنىڭ ئەلىيېۋ ۋە پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تاغلىق قاراباغدىكى جىددىيچىلىكنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن مىشېل، قاتتىق كۈچ ئىشلىتىشنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ۋە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنىڭ جاكارلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

«بىردىنبىر ھەل قىلىش چارىسى سۆھبەتتۇر» دېگەن مىشېل، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە پۇقرالارنىڭ قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر